باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن باجسىز ماللارنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى دۇكىنى تىجارەت باشلىدى

2017.08.16 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن باجسىز ماللار دۇكىنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بۇ، چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن باجسىز ماللارنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى دۇكىنى ھېسابلىنىدۇ.

  چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بۇ دۇكاننى جۇڭگو باج كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلار (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاچقان بولۇپ، ئورنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى T3 ئايروبىناسىدا. بۇ، چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكاندا خەلقئاراغا داڭلىق 300گە يېقىن ماركىلار ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق مودا مەھسۇلاتلار بار بولۇپ، تاماكا، ھاراق، ئەتىر، گىرىم بۇيۇملىرى، قول سائىتى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۆز ئەينىكى، زىننەت بۇيۇملىرى، كىچىك تېرە بۇيۇملار، يېمەكلىكلەر، كۈندىلىك ماللار قاتارلىق 20 نەچچە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى تاموژنىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان يولۇچىلار چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلار دۇكىنىدا باج كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، چوقۇم پاسپورتىنى ۋە ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك، يولۇچىلار چېگرا سىرتىدا ۋە چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلار دۇكىنىدا سېتىۋالغان مالنىڭ قىممىتى 5000 يۈەندىن ئاشماسلىقى كېرەك (5000 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، چېگرادىن كىرمەكچى بولغان يولۇچىلار سېتىۋالغان ماللار ناۋادا يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتسە، چوقۇم تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىپ، ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا باج تۆلىشى لازىم.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكىنىنىڭ تىجارەت باشلىشى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىستېمالچىلارنىڭ دۇنياۋىي دەرىجىلىك باجسىز مال سېتىۋىلىشىغا يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە چەتئەل ئىستېمالىنىڭ قايتىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر