باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسى «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

2017.08.16 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەممىباپ ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار» ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان زاكاسلىق تەربىيەلەش ۋە نىشانلىق ھالدا يېڭىدىن يېتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەشنى يولغا قۇيۇپ، ئۇلارنىڭ تېخىنىكىلىق ئىختىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بەردى. ھازىرغا قەدەر ئاۋات ناھىيەسىدە ھەممىباپ تېخىنىكا بويىچە تەربىيەلىنىپ تېخىنىك ئىشچىلارغا ئايلانغانلارنىڭ سانى 1700 گە يەتتى.

  بەشئېرىق بازىرى تۈۋەنكى دۆڭقىشلاق كەنتىدىكى ئەلقەم ھاكىم 2014-يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن يوقۇرىلاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان ئىدى. ئۇ «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نى تېخىنىكا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش سىياسىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاۋات ناھىيەلىك تېخىنىكا مەكتىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ، ئىككى يىل كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بۇ يىل يىلنىڭ بېشىدا «لۇتەي» مول ھۇسۇللۇق پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىپ ئىگىرىش سېخىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئۈسكۈنە ئاسراش خىزمىتى بىلەن شوغىللىنىپ، ھەر ئايدا مۇقىم مۇئاش ئېلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدى.

  «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى ھەم خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى. 2011-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئاۋات ناھىيەسىدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يېزىلاردىكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن 1700دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نى ھەممىباب تېخىنىكا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان. نۆۋەتتە تېخىنىكىلىق تەربىيەلەشنى قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %95 ئىشقا ئورۇنلىشىپ، «بىر ئادەمنى تەربىيەلەپ، بىر ئادەمنى يۆتكەش، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئەنۋەر سەمەت مۇنداق دېدى: «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نى تەربىيەلەش سىياسىتى ئاساسلىقى يېزىلاردىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئائىلە ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولماي يوقۇرىلاپ ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان ياكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشنى خالىمىغان بالىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئىدارىمىز ئۇلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مەكتەپتە ھەممىباپ تېخىنىكا ئۆگەتتى. ئۇلار جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزلىرى ئىگىلىگەن تېخىنىكا ماھارىتى بويىچە خىزمەت تېپىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىرىشىپ، ئائىلە يۈكىنى يەڭگىللەتتى. بۇنىڭ يەنە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈنمۇ پايدىسى بولدى. بۇ يىلمۇ يىل ئاخىرىغىچە 400گە يېقىن «ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نى قۇبۇل قىلىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر