باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەشتىكى تۇنجى دېلوغا سوت ئېچىلىدۇ

ئادەتتىكى پويىزدا تاماكىدىن ئىسلانغان ئوقۇغۇچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئۈستىدىن دەۋا قىلدى

ئادەتتىكى پويىزلاردا تاماكا چېكىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش كېرەكمۇ؟

2017.08.16 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭدىن تيەنجىنگە بارىدىغان، خاربىن تۆمۈريول ئىدارىسى تىجارەت قىلىدىغان K1301 قېتىملىق پويىزدا بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان ئىس پۇرىقى چىققان، خىزمەتچى خادىملارمۇ تاماكا چەككۈچىلەرگە نەسىھەت قىلمىغان. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى لى جىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) خاربىن تۆمۈريول ئىدارىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن خاربىن تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ 102.5 يۈەن بېلەت پۇلىنى تۆلەپ بېرىشىنى، مۇناسىۋەتلىك پويىز سۇپىسى ۋە بۇ پويىز ئىچىدىكى تاماكا چېكىش رايونلىرىنى بىكار قىلىپ، تاماكا چېكىش ئەسلىھەلىرىنى ئېلىۋېتىشىنى ھەمدە يۇقارقى رايونلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر يۈەن روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلدى. لى جىڭنىڭ ۋەكالەتچى ئادۋۇكاتى بۇ دىلونىڭ ئادەتتىكى پويىزلاردا تاماكا چېكىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، بېيجىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلدى، بۇ دېلوغا پات ئارىدا سوت ئېچىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر