باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ياپونىيەدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتتى

2017.08.16 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيەدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەققانىيەت ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى توغرا تونۇشىنى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: 8-ئاينىڭ 13- كۈنى، ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى ھارپىسىدا «731 قىسىمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» ناملىق بىر سان ئالاھىدە پىروگراممىنى قويۇپ، ياپونىيە 731 قىسىمىنىڭ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى ئاۋازغا ئېلىنغان 20 سائەتتىن ئارتۇق ئۈن ماتېرىيالىنى قېزىپ، بۇ قىسىمنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆتكۈزگەن چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى جۇڭگو خەلقىگە كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان باكتېرىيە ئۇرۇشى قوزغاپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تىرىك ئادەم تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى چېكىدىن ئاشقان جىنايەت سادىر قىلدى. ئالاقىدار پولاتتەك تارىخىي پاكىتلارنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. پەقەت تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلغاندىلا، ياپونىيە ئاندىن تارىخىي يۈكىنى يېنىكلىتەلەيدۇ.

  خۇا چۇنيىڭ: بىز ياپونىيەدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىمىز، ياپونىيە تەرەپنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەققانىيەت ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى توغرا تونۇشىنى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىنى، جۇڭگو قاتارلىق ئاسىيادىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر