باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىستۇدېنتلارغا جاۋاب خەت يېزىپ ئىلھاملاندۇردى: ياشلىق باھارىڭلار ئارقىلىق دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ شانلىق سەھىپە يارىتىڭلار

2017.08.16 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو «ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى»گە قاتناشقان ئىستۇدېنتلارغا يازغان جاۋاب خېتى

  3-نۆۋەتلىك جۇڭگو «ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى»گە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا:

  يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەملىكىتىمىزدىكى 1 مىليون 500 مىڭ ئىستۇدېنتنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 100دىن كۆپرەك ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنىڭ يەنئەنگە بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم قىلىپ ھەم ئاكتىپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، ھەم ئىدىيە جەھەتتىن پاكلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  يەنئەن ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى، سىلەرنىڭ يەنئەنگە بېرىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغ ھەم مۇشەققەتلىك تارىخىي ئىزناسىنى ئىزدەپ، يەنئەن روھىنى ئۆگىنىپ، غايە-ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەپ، ئىرادە، پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، جۇشقۇن ياشلىق ئارزۇيۇڭلارنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرگىنىڭلار ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇش روھىي قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تۈركۈم-تۈركۈم ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك ياراملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. جاپا-مۇشەققەتتىن مۇۋەپپەقىيەت چىقىدۇ. بۈگۈن بىز تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ شانلىق نىشانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق. ۋەتىنىمىزنىڭ ياشلىرى غايىلىك، ئىنتىلىشچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈزلۈكسىز ياشلىق كۈچىگە ئېرىشىدۇ. سىلەرنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ئەقىل-پاراسىتىڭلار، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىرادە، پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، مىليونلىغان خەلق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشتە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياشلىقىڭلار ئارقىلىق دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ شانلىق سەھىپە يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر