باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى لاۋروۋ بىلەن تېلىفونلىشىپ، چاۋشەن ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى

2017.08.16 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 15-ئاۋغۇست كەچتە، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن تېلىفونلىشىپ، ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى چاۋشەن ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىنچلىق يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنى بىرلىكتە كونترول قىلىپ، مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ماجرا پەيدا قىلىشىغا روخسەت قىلماسلىقى كېرەك. نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىدىغان مەسىلە چاۋشەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر بىرىنىڭ زىتىگە تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىنى توسۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، «ئاۋغۇست كىرزىسى» پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش.

  لاۋروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەربىي ۋاستە قوللىنىپ، قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. رۇسىيە مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا جۇڭگو بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىپ، بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر