باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە ھۆكۈمىتى كورېيەنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «زەھەرلىك تۇخۇم» لارنى تەكشۈرۈپ چىقتى

2017.08.16 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپادا «زەھەرلىك تۇخۇم» ۋەقەسى كۈنسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان پەيتلەردە، كورېيە ھۆكۈمىتى كورېيەنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇملاردىن قۇرت ئۆلتۈرۈش دورىسىنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈپ چىققان، بۇ ۋەقە كورېيە چوڭ غۇۋغا پەيدا قىلغان. كورېيە ھۆكۈمىتى 15-ئاۋغۇست بۇلغانغان تۇخۇملارنى سېتىشنى ئومۇميۈزلۈك توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. كورېيەدە بۇ يىل تۇخۇمنىڭ باھاسى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كەتكەن، بۇنىڭغا «زەھەرلىك تۇخۇم» ۋەقەسى قوشۇلۇپ «كۆتۈرۈلمىسەك ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك ئىش بولۇشى مۇمكىنكەن.

  كورېيە دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كورېيەدىكى توخۇ فېرمىلىرىدىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى تەكشۈرۈپ چىققان، تەكشۈرۈشتە كىيوڭكىتونىڭ ياڭچۇ شەھەرىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇملارنىڭ تەركىبىدىن فىپىرونىل بايقالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر توخۇ فېرمىسىدا 80 مىڭدىن كۆپرەك توخۇ باركەن. بۇ، كورېيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە ياۋروپادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان فىپىرونىلنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «قويۇقلۇقى يۇقىرى فىپىرونىل كۆپ مىقداردا بىر مەھەل ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، جىگەر، قالقان بەز ۋە بۆرەكنى كاردىن چىقىرىدۇ».

  كورېيە دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن: «كىيوڭكىتونىڭ كېنتون شەھەردىكى توخۇ فېرمىسىدىنمۇ قۇرت ئۆلتۈرۈش دورىسى بىفېنسىرىننىڭ قالدۇقى بار تۇخۇملار بايقالدى».

  كورېيە ھۆكۈمىتى 15-ئاۋغۇست بۇلغانغان تۇخۇملارنى سېتىشنى ئومۇميۈزلۈك توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، مەسىلە بار تۇخۇملارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىش ياكى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلىدىكەن. ھۆكۈمەت 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، مەملىكەتتىكى 1430 تىن كۆپرەك توخۇ فېرمىسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

  كورېيەدىكى ئېمرات، Homeplus، لوتتې مارت قاتارلىق ئۈچ چوڭ زەنجىرسىمان پارچە سېتىش تاللا بازىرىمۇ، مەملىكەتتىكى بارلىق دۇكانلىرىدا تۇخۇم سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  ئۈچ چوڭ تاللا بازىرىنىڭ دېيىشىچە، خېرىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىشىپ، ۋاقتىنچە بارلىق تۇخۇملارنى جازىدىن ئېلىۋېتىدىكەن، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.

  بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، قۇش زۇكىمى سەۋەبلىك كورېيەدە تۇخۇمنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كەتكەنىدى. كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورېيە ھۆكۈمىتى 38 مىليون تىرىك قۇشنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 25 مىليون 200 مىڭ مېكىيانمۇ باركەن، شۇ سەۋەبتىن كورېيەنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %30 تۆۋەنلەپ كەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كورېيەدە بىر قۇتىدىكى 30 تال تۇخۇمنىڭ باھاسى 7595 ۋون ئىكەن (تەخمىنەن 44 يۈەن)، بۇ باھا بۇلتۇرقىدىن %42 ئۆرلەپ كەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر