باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشى كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تاڭئاتار كېرىماخۇن

2017.08.16 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشىنى چوڭقۇر پاش قىلدى ۋە تەنقىد قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش بايرىقى جەۋلان قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى كۆزلەش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتەك كەڭ ئورتاق تونۇش ۋە بىردەك ھەرىكەت شەكىللەندى.

  پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قازاق رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا بولغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، مەندەك بىر ئاددىي ئىشچى بالىسىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ، نازىر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورنىغا چىقالىشىم پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى، پارتىيەنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىدىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىللىي سىياسەت، ئۇ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. لېكىن، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە تېررورچىلار دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالقىشلاۋاتقان بولسىمۇ، دۈشمەن كۈچلەر ۋە تېررورچىلار بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى؛ خەلقئارا جەمئىيەت دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ھۆرمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە تېررورچىلار ئۇنى ھەدەپ قارىلاۋاتىدۇ؛ خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، دۈشمەن كۈچلەر ۋە تېررورچىلار ئۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كەسكىن ۋەزىيىتىدە، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى زور، چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، دادىل بولۇش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش»تىن ئىبارەت ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ «چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى پەرق ئېتىش مەيدانى ئالاھىدە ئېنىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى ئالاھىدە سەمىمىي بولۇش»تىن ئىبارەت سىياسىي ئۆلچەم بويىچە باشتىن- ئاخىر پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى قوغداپ، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باشتىن- ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۈشمەن كۈچلەر ۋە تېررورچىلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە قەتئىي رەددىيە بېرىپ ۋە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مۇقىملىقنى بۇزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى بايرىقىمىز روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە سەگەك بولۇشىمىز كېرەك. سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىكتىن كېلىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، سىياسىي نەزەرىيە ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز، سىياسىي غايىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ھەر ۋاقىت قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي قەتئىيلىكىمىزنى، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىزنى، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەر ۋاقىت كەم- كوتسىز، ئۆز پېتى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز، باشقىچە يول تۇتماسلىقىمىز كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن قۇسۇر تاپىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، سودىلىشىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماي، ئىنتىزامنى شەرتسىز ئىجرا قىلىپ، قائىدىگە رىئايە قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلماي، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، چەكتىن ھالقىپ كەتمەي، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان زېرەك ئادەم، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولغان سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولۇشىمىز كېرەك. مىللەت ۋە دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللىي كەيپىيات پەيدا قىلىشقا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىل پاش قىلىپ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

  ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش − ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان ئېلىشىش. ھازىر شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن خىرىس يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت كەسكىن جەڭدە غەلىبە قىلىش- قىلالماسلىق − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالدىدىكى كەسكىن سىناق، تېخىمۇ مۇھىمى، بارلىق ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالدىدىكى سىياسىي سىناق. بۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ھەر بىر ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بەرداشلىق بېرىپ، غەلىبە قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك؛ ھەرقانداق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارشى ئاتاكىغا ئۆتۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، قورقماي، چېكىنمەي، قىلچە ئىككىلەنمەي، قىلچە شەپقەت قىلماي پاش قىلىشى، رەددىيە بېرىشى ۋە كۈرەش قىلىشى كېرەك؛ غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، رول ئويناپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز مىللىتىدىن بولغان كادىرلار، ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك سۆز- ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاقىۋىتىنىڭ زوراۋان- تېررورچىلار تەرغىب قىلغاندەك «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندەك بولماستىن، بەلكى ھەققانىيەت تۆمۈر مۇشتىنىڭ قاتتىق زەربىسىدە «دوزاخ»قا كىرىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، ئىدىيەنى، كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قول تۇتۇشۇش، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى بولۇشى كېرەك.

  ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە يېتەكلەپ، خەلق مەنپەئىتىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر مىللەت قان- قېرىنداش، شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ماكانى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپچىلىك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا سىغدۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئىشچان قولىغا تايىنىپ گۈزەل يۇرت- ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقتى. مەركەزنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە مائارىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ ئاممىنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ئەمما، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى كۆرۈشنى خالىماي، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. ئۇلار پەيدا قىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، قانلىق دېلولار بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى بۇزدى. بىز دۇنيادىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا پاتقان بەزى جايلاردا، تېررورىزم ۋە ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ بۇ جاينى دۇنيانىڭ دوزىخىغا ئايلاندۇرغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ سەرسان- سەرگەردان بولۇپ، ماكانسىز، پاناھسىز قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بولغاندىلا، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئەنسىزلىك، پاراكەندىچىلىك خەلقنى بالايىئاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. قازاقلاردا: «ئايرىلغاننى بۆرە يەر، ئاغا- ئىنىلەر ئىناق ئۆتسە، ئات كۆپ بولۇر، كېلىنلەر ئىناق ئۆتسە، ئاش كۆپ بولۇر» دەيدىغان ماقال- تەمسىل بار. بەختلىك تۇرمۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ بەرپا قىلىشى ۋە قوغدىشىغا موھتاج. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى» دەيدىغان ئىدىيەنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي بوشاشماي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك. بىز چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ، «بەشنى تونۇش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ھەسسىلەپ ئاسراش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر