باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، باش نىشاننى ياخشى تەشۋىق قىلغۇچىلاردىن بولىمەن

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆمەك باشلىقى ئەنۋەر مەمەت

2017.08.16 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداش كۈرىشىنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھىنى ئۇرغۇتتى.

  بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

  مەن بىر ئۇيغۇر كادىر، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىمەن. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، تونۇشنى توغرىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىگە توغرا كېلىدۇ. مەن 1972- يىلى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىگە خىزمەتكە چۈشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 45 يىل بولدى، ئۆمىكىمىز ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت كىشىلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەت كوللېكتىپى بولۇپ، ئۆمىكىمىز سېرك، سېھىرگەرلىك، مىللىي ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىق ماھارەت- نومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۆمىكىمىز يەنە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى − دارۋازلىق سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدۇر. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قوللىغاچقىلا، دۆلىتىمىز مۇقىم بولغاچقىلا ۋە ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق بولغاچقىلا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بەدىئىيلىكى كۈچلۈك، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە 100 نەچچە تۈرلۈك ماھارەت- نومۇرنى قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالىدى، شۇنداقلا دۇنيادىكى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا چىقىپ ئويۇن قويالىدى.

  ئىككىنچىدىن، تەستە قولغا كەلگەن بەختنى قەدىرلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تۇيغۇسىدا بولۇپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈشنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك.

  يېڭى جۇڭگو يېتىشتۈرگەن بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 45 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مىللىي سېرك سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىپ، مول رايون ئالاھىدىلىكىگە، روشەن خاسلىققا ئىگە سېرك سەنئىتىنى كېڭەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، نۇرغۇن يېڭى ۋە نادىر سېرك ئويۇنلىرىنى ئىجاد قىلدىم. مەن باش رول ئالغان، رېژىسسورلۇق قىلغان، ئىجاد قىلىپ رېپېتىتسىيە قىلغان سېرك نومۇرلىرى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سېرك مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. شەرەپكە قانچە كۆپ ئېرىشكەنسېرى، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ شۇنچە ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشۇمدا مەن زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىلگىرىكىدەكلا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر سېرك ئىجادىيىتىنىڭ، سېرك نەزەرىيەسى ئوبزورىنىڭ، سېرك مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر سېرك ئويۇنلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمەن ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىمەن، ئىدىيە- مەدەنىيەت ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى قەتئىي يوقىتىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىل ئارقىلىق ئاممىغا ئىنچىكە ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت ئىشلەپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ساداسىنى دەل ۋاقتىدا ئاڭلىتىپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېنى، سىياسىتىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ھەق- ناھەقنىڭ، دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى چەك- چېگرانى ئېنىق ئايرىيالايدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرخىل سۆز- ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق ھالدا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان قىلىمەن.

  ئۈچىنچىدىن، ئىدىيەنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىيدا زېرەك بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدىمىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. سىياسىي تۇرمۇشتا زېرەك، سىياسىي مەيداندا مۇستەھكەم بولۇشنى ئۆزۈمگە قويغان ئالدىنقى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش، سىياسىي خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىمنى، ھەق- ناھەقنى ئايرىش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ماھارىتىمنى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمنى ئۆستۈرىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قەتئىي بىپەرۋالىق قىلماي، ئۆزۈمنى چەتكە ئالماي، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  تۆتىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئويۇنلارنى كۆپرەك قويۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇش كېرەك.

  ئويۇن قويۇش جەريانىدا يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تۆۋەندە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا تىكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمەن. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنلىرىنى قويۇش جەريانىدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى داغدۇغىلىق ھالدا، مەردانىلىك بىلەن سۆزلەپ، ئاممىنى چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاشقا، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر