باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى تۈزگەن «كىچىك مىكرو ھوقۇق» تىزىملىكى كەنت كادىرلىرىنى «ئۆز بېشىمچىلىق» قىلغۇزمايدىغان بولدى

2017.08.17 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 56 ياشقا كىرگەن پاتىگۈل تۇراقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى يىل سۈيلەپ ئالالمىغان قەرزىنى بۈگۈن بىر سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا ئالالىشى خىيالىغىمۇ كەلمىگەنىدى.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياپچان بازىرى ئاياغسۇنلۇق كەنتى «كىچىك، مىكرو ھوقۇق» تىزىملىكىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى چوڭ ئىشتىن يەر ئېلىپ ئىشلىتىشتىن كىچىك ئىشتىن ئىسپات چىقىرىپ بېرىشكىچە بولغان بارلىق كەنت دەرىجىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ «ئاشكارىلىق دەرىجىسى»نى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئاياغسۇنلۇق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى كادىرى دىلشات ھوشۇر مۇنداق دېدى: «ئۇزۇندىن بۇيان، بىر خىل ئۆلچەمدە ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈپ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مېخانىزمى كەمچىل بولغانلىقتىن، كەنت كادىرلىرىنىڭ قانۇن ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى پات-پات يۈز بېرىپ، ئامما بىلەن كادىرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دەخلى يەتكەن ئىدى. نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى خەت تونۇمىغانلىقتىن ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى بىلەلمىگەچكە، بەزىبىر كەنت كادىرلىرىدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا بەس سېلىش، يەپ-ئىچىش، ئاممىنى بوزەك قىلىش، ئاممىدىن نەرسە تەلەپ قىلىش، يېقىنلىرىغا ياخشىچاق بولۇش، دوستلىرىغا ئېتىبار بېرىش خاھىشى يامرىغان ئىدى.»

  بۇ يىل 3-ئايدا خىزمەت ئەترىتى كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان، دائىم دېگۈدەك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئاغرىنىش، دەرت تۆكۈش»لىرىنى ئاڭلاپ، بۇنىڭغا قارىتا 36 ماددىلىق كەنت دەرىجىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، كەنت ئىشلىرىدا تەدبىر بەلگىلەش، تۈر قۇرۇلۇشى، مۈلۈك بايلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق 19 ماددىلىق ئاممىۋى ھوقۇق ئىشلىرى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلۈك يېرىنى تەستىقلاش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش، يەر ئىشلىتىش ھەققىنى تەقسىم قىلىش قاتارلىق 17 ماددىلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ھوقۇق ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەلگە يېقىن «كىچىك مىكرو ھوقۇق» تىزىملىكىنى شەكىللەندۈردى.

  «كىچىك مىكرو ھوقۇق» تىزىملىكى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكىلەرگە يىغىن ئېچىپ، «پاش قىلىش ساندۇقى» تەسىس قىلىپ، پاش قىلىنغان مەخسۇس مەبلەغنى ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، يېزىلاردىكى ئۈچ خىل مەبلەغ مۈلكىنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان ناتوغرا ئىستىللار ۋە مەسىلىلەردىن 193 تۈرنى رەتلەپ چىقتى ۋە قىسقىغىنا نەچچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە كەنت كادىرلىرى دېھقانلارنىڭ پايدا-مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ ئىگىلىۋالغان 230 مىڭ يۈەننى ئىگىلىرىگە قايتۇرغۇزدى.

  دىلشات ھوشۇر مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئىش بېجىرىشى كۆپ قولايلاشتى، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈنۈمى ياخشىلاندى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىنتىزام تۇيغۇسى ئۆستى، ئامما بىلەن كادىرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئىناق بولدى، ‹كىچىك مىكرو ھوقۇق› تىزىملىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ قولىدىكى ھوقۇقنىڭ چەك-چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ بەردى ھەمدە كەنت كادىرلىرىغا ‹يول خەرىتىسى› بولۇپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر