باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ دوكلاتىغا قايتۇرغان ئىنكاسى:

دىن مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا بولمايدۇ

2017.08.17 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دوكلات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى ئورۇنسىز ئەيىبلىدى. شۇ دوكلاتقا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 16- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكىنى تۆۋەندىكىلەرگە دەۋەت قىلىدۇكى، ئامېرىكا ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلغاي، ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ، ئاتالمىش "دىن مەسىلىسى"نى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتەك خاتا قىلمىشنى توختاتقاي.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، مەلۇم بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 2016 - يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىد قىلغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بىز سىز تىلغا ئالغان بۇ دوكلاتنى كۆردۇق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە جايلاردىكى خەلق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇن بويىچە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاتالمىش دوكلاتىدا ئەمەلىيەتنى كۆزگە ئىلماي، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگونىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى ئورۇنسىز ئەيىبلىگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ، ھەمدە بۇ ھەقتە ئامېرىكا تەرەپكە كەسكىن سۆزلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇندا دېدى: پاكىتلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، ئامېرىكىمۇ كەم-كۈتىسىز ئەمەس. بىز ئامېرىكىنى تۆۋەندىكىلەرگە دەۋەت قىلىمىزكى، ئامېرىكا ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ، ئاتالمىش "دىن مەسىلىسى"نى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتەك خاتا قىلمىشنى توختاتقاي.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر