باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىدا ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2017.08.17 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق ئوقۇتقۇچىلاردىن، مۇقىملىقنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

  ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى –خىزمەتچىلەر دۆلەت بايرىقى ئالدىدا داغدۇغىلىق قەسەم بەردى. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لىك ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىش توغرىسىدىكى قەسەمنامىگە ئىمزا قويدى. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ «سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامغا رېئايە قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش» توغرىسىدىكى قەسەمنامىگە ئىمزا قويدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەردان خالىق مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە، قىزىل بايراق ئاستىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشنىڭ شانلىق مۇساپىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمەتچىسى بولدۇم. مەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزمىلىچى»لەرگە قارشى كۆرەش قىلىپ، دەرس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا سوتسىيالىزم، كوللېكتىۋىزم، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بارىمەن.

  ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەريەم ئەكرەم مۇنداق دېدى: مەن بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا مىننەتدارلىق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا يۈكسەك ۋەتەنپەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈمەن. ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىپ، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەپ، ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇمەن.

  ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا، ئوقۇتقۇچى-ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مائارىپ بازىسىنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئاۋات ناھىيەلىك لۇشۇن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇختەبەر مۇختەر مۇنداق دېدى: دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە ئۇنىڭ قول چۇماقچىلىرى بولغان «ئىككى يۈزمىچى»لەرگە غەزەپ-نەپرىتىم قايناپ- تاشتى. ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوقاتمىغۇچە كۆرەشنى قەتئىي توختاتمايمىز.

  لۇشۇن باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۈلنۇر سەمەت مۇنداق دېدى: ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى پۈتۈن مەكتەپنى قاپلىدى. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتى. بىز شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئورۇنغان بارلىق زوراۋان-تېررورچىلارغا جەڭ ئېلان قىلىمىز. جەڭدە غەلىبە قىلمىغۇچە كۆرەشنى قەتئىي توختاتمايمىز. بىز ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى جان تىكىپ قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر