باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ مېترولىرىنىڭ پۈتۈن ھەممە لىنىيەلىرىدە كارتا ئورنىغا يانفون سۈرتۈپ كىرىشكە بولىدىغان بولدى

2017.08.15 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىدە مېترولارنىڭ ھەرقايسى لىنىيەلىرىدە يولۇچىلار يان تېلېفوننى كارتا ئورنىدا سۈرتۈپ كىرىشكە بولىدىغان بولدى. يولۇچىلار ئۆز يان تېلېفونىغا "قاتناش ئۇنىۋېرسال كارتىسى" ناملىق APPنى قاچىلىغاندىن كېيىن، يانفوننى كارتا ئورنىدا سۈرتۈپ كىرىش ئارقىلىق، بېيجىڭدىكى ھەرقايسى مېترولارغا ئولتۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابونتلار شۇ APP ئارقىلىق توردا پۇل قاچىلىۋالسا، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي پونكىتلاردىكىدەك پۇل قاچىلاش ئۈچۈن ئۆچىرەت تۇرۇش ھاجەتسىز. يان تېلېفوندىكى "قاتناش ئۇنىۋېرسال كارتىسى"نىڭ رولى ئىلگىرىكى قاتناش كارتىسىغا پۇل قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش. كارتا ياكى يان تېلېفون سۈرتكەندە، لىنىيىدىن ئايرىلغان ھالدىكى سودا ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولغاچقا، تور مۇھىتىغا ئېھتىياج چۈشمەيدۇ، لېكىن توردا پۇل قاچىلىغاندا تور بولۇش لازىم. سۈرەتتە: 14- چېسلا، بىر يولۇچى يانفون ئارقىلىق بېكەتكە كىرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر