8- ئاينىڭ 17 - كۈنى، نامرات ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئائىلىسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، شەنشى ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2017- يىللىق «ئالتۇن كۈزدە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى باشلاندى، ھەمدە پائالىيەت نەق مەيدانىدا 37 نەپەر نامرات ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئائىلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى. 14 يىلدىن بۇيان، شەنشى ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى 290 مىليون يۈەن مەبلەغ تەييارلىغان بولۇپ، 220 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى