خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكى ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم گىرىملىق رىپېتىتسىيە قىلدى، ئۇلار ئەمدى ئايروپىلان بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرىگە بېرىپ، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلار سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىدۇ.
9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلار سەنئەت كۆرىكى شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككى رايونغا بۆلۈنىدۇ، غەربىي رايوندىكىلەرنىڭ كۆرىكى 17-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشى، خەينەن، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، شىنجاڭ قاتارلىق 16 ئۆلكە (رايون، شەھەر)نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئويۇن قويىدۇ.
شىنجاڭ مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 43 نەپەر ئارتىس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى 75 ياش، ئەڭ كىچىكى 16 ياش. ئۇلار بۇ قېتىمقى كۆرەككە «ناۋا مۇقامى»، «ئايگۈلېك»، «جىرلا»، «ئىلى بويلىرى»، «قىزىل بايراق ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمەن»، «ئاق بوز ئات» قاتارلىق ئالتە نومۇرنى قاتناشتۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى