قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىشلىگەن «بىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا» ناملىق ئەسەر مۇنەۋۋەر مىكرو سىن پىروگراممىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو مىكرو فىلىم، مىكرو سىن پىروگراممىسى مۇسابىقىسى»نىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتى تاللاپ ئەۋەتكەن تۆت پارچە ئەسەر 7000 پارچىغا يېقىن ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ئەڭ نادىر مىكرو كىنو، ئەڭ نادىر مىكرو سىن پىروگراممىسى، مۇنەۋۋەر مىكرو سىن پىروگراممىسى مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى.
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، مەركىزىي جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو مىكرو فىلىم، مىكرو سىن پىروگراممىسى مۇسابىقىسى» «تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى تەشۋىقاتى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە دۆلىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى ئىدارە-ئورۇنلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر جەمئىي 7000 پارچىغا يېقىن ئەسەر ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن تاللاشقا كىرگەن ئەسەر 2816 پارچىگە يېتىدۇ، ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر مىكرو كىنو ئەسىرىدىن 100 پارچىسى، مۇنەۋۋەر مىكرو سىن پىروگراممىسىدىن 50 پارچىسى ۋە يەككە تۈر مۇكاپاتى بويىچە 25 پارچە ئەسەر تاللاپ چىقىلدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىشلىگەن «دادا» ناملىق ئەسەر ئەڭ نادىر مىكرو كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىشلىگەن «مەن كومپارتىيە ئەزاسى» ناملىق ئەسەر، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلىگەن «دەۋا E دەۋرى» ناملىق ئەسەر ئەڭ مۇنەۋۋەر مىكرو سىن پىروگراممىسى مۇكاپاتىغا؛ قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىشلىگەن «بىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا» ناملىق ئەسەر مۇنەۋۋەر مىكرو سىن پىروگراممىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى