باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندى (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل . دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش)

__ ئېلىمىزنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2017.08.18 13:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم قورال. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇن ئىدارە قىلىش تايانچىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھاپىزىتىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا قانۇن ئىدارە قىلىش ھەم ئاساسلىق ئۇسۇل، ھەم ئاساسلىق تېرەكتۇر.پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن-سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 1-ئايدا مەملىكەتلىك سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو» قۇرۇش يېڭى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئارقىدىن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 4-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىنىپ، پارتىيىمىز تارىخىدىكى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۇنجى مەخسۇس قارار چىقىرىلدى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ نىشاننىڭ ھەم دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ خاراكتېرى ۋە يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ھەم دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە باش تۇتقىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۇتقالىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر