باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى بېيجىڭ-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

800 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئالاھىدە ئۇزۇن يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك

2017.08.18 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىلىك لوياڭ قاتناش-ترانسپورت گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ 豫C88858 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى (بەلگىلەنگەن يولۇچى توشۇش سانى 51 كىشى، ئەمەلىيەتتە توشۇغان يولۇچى سانى 49 كىشى) 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 23تىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۇەن چىڭدۇدىن خېنەن لوياڭغا قاراپ يولغا چىقىپ، بېيجىڭ-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ مېڭىپ، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرى تەۋەسىدىكى چىنلىڭ 1-نومۇرلۇق تونېلنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىغا كەلگەندە، تونېل ئېغىزىنىڭ سىرتىدىكى ئوڭ تەرەپ تاغنىڭ مۇھاپىزەت تېمىغا سوقۇلۇپ، ئاپتوموبىل ئېغىر دەرىجىدە شەكلى ئۆزگىرىپ، 36 كىشى قازا قىلغان، 13 كىشى يارىلانغان.

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھادىسىنىڭ تەپسىلىي سەۋەبىنىڭ يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. يول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى مەخسۇس تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 800 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئالاھىدە ئۇزۇن يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسىدە بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ سەھەر سائەت 2 دىن 5 كىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاپتوموبۇسنى توختىتىپ ئارام ئېلىش تۈزۈمى ياكى تۇلانما ترانسپورتنى يولغا قويۇشىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ھەيدىگۈچىنىڭ 24 سائەتتىكى ئاپتوبۇس ھەيدەش ۋاقتىنىڭ سەككىز سائەتتىن ئاشماسلىقى، كۈندۈزلۈك ئۇدا ھەيدەش ۋاقتىنىڭ 4 سائەتتىن ئاشماسلىقى، كېچىدە ئۇدا ھەيدەش ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەتتىن ئاشماسلىقى، ھەر قېتىم ئاپتوبۇس توختىتىپ دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ 20 مىنۇتتىن كام بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شوپۇرنىڭ چارچاپ ئاپتوبۇس ھەيدىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ قاراشلىق ئاپتوبۇس ۋە شوپۇرلارنى ھەقىقىي ھەرىكەتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شوپۇرنىڭ سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشنى ئەسكەرتىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش قۇرۇلمىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمىگەن ياكى قەستەن بۇزىۋەتكەن ئالاقىدار مەسئۇل كىشى ۋە كارخانا مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر