باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا كېلەر يىلى ئىش باشلىنىدۇ

2017.08.17 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە تۆمۈريول شىركىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش لىدىرى مىشالىن 16-ئاۋغۇست، رۇسىيەنىڭ تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بولغان موسكۋا- قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا 2018-يىلى ئىش باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىشالىن شۇ كۈنى بىر تىرانسپورت مۇنبىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: موسكۋا - قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ لايىھە پىلانى بۇ يىل پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ. بۇ تۆمۈريولنىڭ كەلگۈسىدە موسكۋا-بېيجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار، شۇنداقلا بۇ تۆمۈريول جۇڭگو-ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق بازىرىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» تۈرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  پىلان بويىچە، موسكۋا - قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بىر تىرىليون 68 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 17 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىنىدىكەن، پۈتكەندىن كېيىن پويىزنىڭ سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى 400 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، موسكۋادىن قازانغىچە بولغان يۈرۈش ۋاقتى ھازىرقى 14 سائەتتىن ئۈچ يېرىم سائەتكە قىسقىرايدىكەن.

  رۇسىيە تۆمۈريول شىركىتىنىڭ باش لىدىرى بېلوزېروف بۇنىڭدىن ئىلگىرى موسكۋا - قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 2022-يىلدىن 2023-يىلغىچە قاتناش باشلىنىشتىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر