باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا تارقالغان بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى پىلانى راست ئەمەس

2017.08.17 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاۋغۇست، بېيجىڭ شەھەرلىك زىمىن بايلىقى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا مەلۇم ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئېلان قىلغان ئاتالمىش بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى پىلانى تەشۋىقات فىلىمى ۋە بۇ ئارقىلىق «شەھەر قوشۇمچە مەركىزى پىلانى ئېلان قىلىندى» دېيىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا، بۇ تارماق خەۋەرگە رەددىيە بېرىپ، ئالاقىدار خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنىڭ ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك يىرىك پىلانى تېخى تۈزۈلۈۋاتىدۇ، دېدى.

  يېقىندا مەلۇم ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى «بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پىلان ئاشكارلاندى، ئەڭ چوڭ پايدىسى شىمالدىكى ئۈچ ناھىيەگە پايدا يەتكۈزىدۇ» قاتارلىق تېمىلاردا بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى پىلانىنى ئاشكارىلاپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇنىڭغا قارىتا بېيجىڭ زىمىن بايلىقى كومىتېتى رەددىيە بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھەرلىك زېمىن بايلىقى كومىتېتى شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنىڭ ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى پائال تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ بويىچە تەستىقلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك زېمىن بايلىقى كومىتېتى ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر