باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرىدۇ

2017.08.17 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى تۈنۈگۈن 26-ئاۋغۇستتىن 10-سېنتەبىرگىچە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالىتى سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنى: ھەر قايسى رايونلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە پارتىيە-ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتلىرىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ماسلىشىپ ھەل قىلىش ئەھۋالى؛ خەيىم-خەتەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق كونتىرول قىلىپ، ئېتىزدىن داستىخانغىچە بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى؛ ئاساسىي قاتلاملارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى؛ 2016-يىللىق تەكشۈرۈش-تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلار.

  جايلار ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئەستايىل، قاتتىق تەكشۈرۈپ، ساختا مەلۇم قىلىش، يۇشۇرۇپ مەلۇم قىلىشنى قاتتىق چەكلىشى، ساختىلىق قىلغانلارنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىد قىلىشى، تەپسىلاتى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە جايلارغا بېرىپ نەخ مەيداندا تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە قايتما ئىنكاس قىلىدۇ ھەمدە تۈزىتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر