باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ رۈيگە «دەۋر ئۈلگىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى

2017.08.17 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تۈنۈگۈن پۈتۈن جەمئىيەتكە ۋاڭ رۈينىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا «دەۋر ئۈلگىسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

  ۋاڭ رۈي-قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 74-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى مەلۇم بىرىگادىسىنىڭ ئوتدېلنىيە كوماندىرى. ھەربىي سەپكە قاتناشقان سەككىز يىلدىن بۇيان، ئۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىرىنى غايەت زور سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن ئۆگەنگەن ۋە ئىزچىللاشتۇرغان، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېنغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى كونكرېت ئىش ئورنىغىچە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىشىپ ساداقەتمەن جەڭچى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۈلگىسى بولغان، تۈرلۈك جىددىي، تەس، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى كۆپ قېتىم تولۇق ئورۇنلىغان، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجە يارىتىپ، بىر قېتىمدىن 2-، 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان ھەم پۈتۈن ئارمىيە كەسپىي ئەسكەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  «دەۋر ئۈلگىسى»نى ئېلان قىلىشتا، «بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز، بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» باش تېما قىلىندى، نەق مەيداندا ۋاڭ رۈينىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ئېلان قىلىندى، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يولداش ۋاڭ رۈيگە دەۋر ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىش ھەققىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىسقا فىلىم قويۇلدى ھەم ئۇنىڭغا «دەۋر ئۈلگىسى» مېدالى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر