باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل كىرگەندىن بېرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ئىجابىي ئۆزگىرىش بولدى

2017.08.17 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىجابىي ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىساددا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە بىرقاتار ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، كارخانىلار كۆزلىمىسى ۋە بازار ئىشەنچىسى تەدرىجىي ياخشىلاندى، بولۇپمۇ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ساھەسىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  ئۈچىنچى پەسىلدە سانائەت ساھەسىدىكى بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەردە ئىجابىي ئۆزگىرىش بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەردى.

  7-ئايدا مەملىكەت بويىچە سانائەت كارخانىلىرى مەھسۇلاتىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ئۇدا ئۈچ ئاي ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەنلەشتىن %0.2 ئۆرلەشكە بۇرۇلۇش ياساپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئۆرلىدى، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىسىدىن 0.8 پوئىنت تېز بولدى، 7-ئايدا 41 چوڭ كەسىپ ئىچىدە 37 سىنىڭ قوشۇلما قىممىتى داۋاملىق ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى، 596 خىل مەھسۇلات ئىچىدە 398 ئى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى، سانائەت كارخانىلىرى مەھسۇلاتىنىڭ سېتىلىش سوممىسى %97.9گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىسىدىن 0.3 پوئىنت يۇقۇرى بولدى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملاشماقتا، پۈتكۈل بازاردا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىپ، تەڭپۇڭ بولۇپ، بازار ئىشەنچىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  7-ئاينىڭ ئاخىرى سىياسى بىيۇرو يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل، تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە يەنىلا نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلە مەۋجۇت، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق دەۋرىيلىكى ۋە قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئىگەللەپ، مېڭىنى سەگەك تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى چىڭىتىپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، زور خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەتەرنى مۇۋاپىق پەسەيتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كارخانىنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق موردا كارخانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل ئارىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتى كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قولدا زور يېتەكچى رولغا ئىگە ئىسلاھات يېڭى تەدبىرلىرىنى چىقىرىشنى ، يەنە بىر قولدا چىقىرىلغان ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرنى ئىسلاھات ئارقىلىق ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر