باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ADS-B باشقۇرۇشىنى يولغا قويدى

2017.08.17 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئاچقان شىنجاڭنىڭ مەلۇم ھاۋا بوشلۇقىدا ADS-B باشقۇرۇشىنى يولغا قويۇش تەشۋىقاتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 18-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى مەملىكەت بويىچە ADS-B باشقۇرۇشىنى تۇنجى بولۇپ رەسمىي يولغا قويغان رايون بولۇپ قالغان.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، ADS-B تېخنىكىسى بولسا خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتى بېكىتكەن كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق نازارەت قىلىش تېخنىكىسى بولۇپ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاۋىياتسىيە ئۇچۇشىدىكى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان تۆت تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىنىڭ بىرى، دەپ بېكىتىلگەن، شۇنداقلا جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدىكەن.

  جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۇچۇش ئۆلچىمى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ خوڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ رايونىدا ADS-B باشقۇرۇشىنى يولغا قويۇش ھاۋا يولى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى چارە، شۇنداقلا يەنە نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇش ئارىلىقىنى كىچىكلىتىش، يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ بولۇپ، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئۇچۇشىدىكى يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئومۇمىي يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش __ «ھاۋادىكى يىپەك يولى»نى راۋانلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر