باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەبىئىتى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلار ئىچىدىكى قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش لازىم

2017.08.17 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى تەبىئىتى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلارنى يىراقتىن سىزىش نازارەت قىلىش نەتىجىسى ۋە 660 ئورۇندىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپلىگەن مۇھاپىزەت رايونلىرىدا سانائەت ۋە كانچىلىققا ئىشلىتىلگەن يەرلەر، ئېنىرگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە تاش قېزىش مەيدانلىرى بار بولۇپ، مۇھاپىزەت رايونلىرى ئىچىدىكى ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تەھدىت پەيدا قىلماقتا. مۇھىت ئاسىراش مىنىسىترلىقى جايلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يەرلىك تەبىئىتى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلارنى تەڭشەش باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك تەبىئىتى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلارنىڭ دائىرىسى ۋە ئىقتىدار رايونى پىلانىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئېلان قىلىش كېرەك؛ تەبىئىتى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلارنى ھاۋا يەردىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيە مەھكىمىسى مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاڭ جى مۇنداق دېدى: يىراقتىن سىزىش نازارەت قىلىپ ئۆلچەشكە ئاساسەن، ئامما ئەرز قىلغان قىززىق نۇقتىلىق ئەھۋاللار، قىززىق نۇقتىلىق يىپ ئۇچلىرى ئارقىلىق يېڭى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك، ئىلگىرى بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا ياخشى ئۆزگەرتمىگەنلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر