باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى

2017.08.18 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەت بويىچە سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ تەقدىرلەش يىغىنى تۈنۈگۈن بيېجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مۇھىم تەستىق سالدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا تېخىمۇ بەخت يارىتىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرى باش مەقسەتنى ئۇنۇتماي، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق "ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب تاپىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، مۇھەببىتىنى ئايىمايدىغان" ئالىيجاناپ روھنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. مەن يولداشلارنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن داۋاملىق خەلقكە مۇلازىمەت قىلىپ، داۋالاش تېخنىكىسىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش پەزىلىتىنى نۇرلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئۇلار تېخىمۇ رازى بولىدىغان سەھىيە ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، جەمئىيەتتە داۋالاش خادىملىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان يېڭى قېلىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىنى ياخشى قىلىپ، ئاساسىي داۋالاش سەھىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشى كېرەك. مەن سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالىغۇچى شەپقەتلىك بولۇش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خىزمىتىنى سۆيۈپ، تېخىنىكىسىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى چۆرىدىگەن ھالدا تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ساغلىق مۇلازىمىتى قىلىپ، ئېلىمىزنى بالدۇراق ساغلىق جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىندا بېتيۇن مېدالىغا ئېرىشكەن 19 كىشى، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى 251 ئىلغار كوللىكتىپ، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى 698 ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسدىكى 58 ئەمگەك نەمۇنىچىسى تەقدىرلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر