باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز كۆيۈمچان دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ

2017.08.18 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىدا ئاساسىي قاتلام مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ھالدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2017-يىلى، ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن ئاھالىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان تولۇقلىما ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 2016-يىلىدىكى 420 يۈەندىن 450 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە داۋالاش ئورگانلىرىدا دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئومۇمىي سانى كۆپ يىللار دۇنيادا ئالدىنقا ئورۇندا تۇرۇش ئاساسىدا، ئېلىمىز ئاساسىي داۋالاش ئىقىتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاز مەبلەغ بىلەن بىر قەدەر يۇقۇرى ساغلاملىق ئۈنۈمى ياراتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئورگانلىرىغا «قان يەتكۈزۈش، قان ئىشلەش» تىكى ئاچقۇچ بولغان، ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى ئاساسەن شەكىللەنگەن ۋە داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىۋېتىپتۇ. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، مەملىكەت بويىچە سەھىيە، پىلانلىق توغۇت ئىختىساسلىقلىرى 2012-يىلىدىكى 9 مىليون 120 مىڭدىن كۆپىيىپ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 10 مىليون 695 مىڭغا يەتكەن. «13-بەش يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە، پىلانلىق توغۇت ئىختىساسلىقلىرى تەرەققىيات پىلانى»دا، ۋىراچلار قوشۇنىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ۋىراچلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى.

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، 2017-يىللىق «بېتيۇن مېدالى»غا ئېرىشكۈچى گې جۈنبو قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: دوختۇرلار بىمارلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ، كۆيۈمچان دوختۇر بولۇش دەۋىرنىڭ تىببىي خادىملارغا قويغان تەلىپى. دوختۇرلۇق ئەخلاقى يېتىشتۈرۈش، ئەخلاق-پەزىلەتكە دىققەت قىلىش، ياخشى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش سەھىيە، پىلانلىق توغۇت خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئاخلاقىنىڭ يادروسى، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، ساغلاملىق جەھەتتە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

  دۆلەتلىك سەھىيە، پىلانلىق توغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خېشېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئېلىمىز ئاممىۋىي پاراۋانلىقنى داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىسلاھاتى ئىشلىرى توغىغا داۋاملىق پۈتۈپ، داۋالاش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، سەھىيە، پىلانلىق توغۇت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تىببىي خادىملارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر