باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-كۇنمىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا يۈز بەرگەن 10-ئاۋغۇست پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى ئۇقتۇرۇلدى

2017.08.18 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى تۈنۈگۈن خەۋەر ئېلان قىلىپ، شەنشىنىڭ ئەنكاڭدىكى بېيجىڭ-كۇنمىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يول بۆلىكىدە يۈز بەرگەن 10-ئاۋغۇست پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ھادىسىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، 10-ئاۋغۇست كەچ سائەت 11 لەردە، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ قاتناش ترانسىپورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە 51 ئادەم چىققان 49 كىشىلىك بىر ئاپتوۋۇزى سىچۈەننىڭ چېڭدۇدىن خېنەننىڭ لوياڭغا قاراپ يولغا چىققان، ئاپتوۋۇز بېيجىڭ-كۇنمىڭ تۆمۈر يولىنى بويلاپ مېڭىپ، شەنشىنىڭ ئەنكاڭ تەۋەسىدىكى چىنلىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق تۇنىلنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىغا كەلگەندە تۇنىل ئېغىزى سىرتىدىكى تاغ گەۋدىسىگە سۇقۇلۇپ كېتىپ، ئاپتوۋۇز ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، ئاپتوۋۇزدىكى 36 ئادەم قازا قىلغان، 13 ئادەم يارىلانغان. ھازىر ھادىسىنىڭ تەپسىلىي سەۋەبى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرىلىۋېتىپتۇ.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جايلار، مۇناىسۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار تاش يول يولۇچىلار ترانسىپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەپ، تۈرلۈك يول قاتنىشىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىمشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئۈنۈملۈك چۆچىتىپ قويۇشى كېرەك.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، مۇناىسۋەتلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار يۇشۇرۇن خەۋپ ھادىسە دېمەكتۇر دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايقالغان بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىپ، يول بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان، ئاپەت تەھدىتى ئېغىر رايون ۋە كارخانىلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر