باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال ماسلىشىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى تېزدىن ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك

2017.08.18 16:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ خىزمىىتىنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۈەندىكى ھەرقايسى شىلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تولۇق ماسلىشىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم 8- ئاينىڭ 12- كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم مەركىزىي گۇرۇپپىنىڭ ئۆگىنىشىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ گەنسۇدىكى چىليەنشەن تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى قايتا ئۆگەندى، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ ۋە ماسلىشىپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەتنى قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىشقا قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تاپشۇرغان ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان پىكىرنى قوبۇل قىلىپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۈزىتىشى كېرەك.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىم- ئايرىم پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قايتىدىن ئۆگىنىپ، قايتىدىن تەتقىق قىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا كونكرېت سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى كۈتۈۋېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ناھىيە (شەھەر، مەنزىرە رايونى) لەرنىڭ تەۋەلىكىدىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، مەنزىرە رايونى)لەر مەسىلە ھەل قىلىش تەپەككۇرىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، مەسىلە ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال ماسلىشىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تولۇق ماسلىشىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بىڭتۈەن 5- شىسى قوشئۆگۈز شەھەرلىك پارتكوم كۆپ قېتىم مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ھەم رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزدى. شى، شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ياخشى ماسلىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇردى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن سەي مۇنداق دېدى: بىز دەرھال ئۆزگەرتىش، دەرھال تەكشۈرۈش، دەرھال بېجىرىش تەلىپى بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئالاقىدار جاۋابكارلارنى جازالىدۇق.

  قاراماي شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شاۋلىن مۇنداق دېدى: شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز.

  قومۇل شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ جۈن مۇنداق دېدى: قومۇل شەھىرى مەخسۇس مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى كۈتۈۋېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تولۇق ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئەرزىيەت خەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ۋە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىلىرىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىشىنى، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇپ دەرھال بېجىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەخمەت شەمشى مۇنداق دېدى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قاتتىق ۋە ئەمەلىي پوزىتسىيە بىلەن ماسلىشىپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نازارەتچىلىككە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، تۈزىتىشنىڭ ۋاقىت چېكىنى بەلگىلەپ، مەسىلىنى ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈ چاڭجېڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچى سەپتىكى مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە تەبىئىيلىكى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايوننى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۆھپە قوشىمىز.

  قابا ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ جەنگۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز «سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، جاڭ شياۋيەن، مېھرىگۈل ناسىر، تويا، لى ياڭ، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ يافېڭ، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ خەيجۈن، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىكى رېن چۈنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاڭ لىنجياڭ، جېڭ لىيۈەن، ليۇ ۋېي، خاۋ چىڭ، كۇ جۈنفېڭ، ما چېڭلۇ، جۇڭ چۈنچۈن، بۇرېن باتۇ)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر