باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بارسېلونادا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇشۇپ 13 كىشى قازا قىلدى

2017.08.18 12:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيە ۋاقتى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەر ئەتراپىدا، بىر يۈك ئاپتوموبىلى بارسېلونا شەھەر مەركىزىدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى رامبۇرانىڭ شىمالىي كوچىسىدا يولۇچىلارغا قاراپ سوقۇلۇپ كەلگەن. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقەدە ئاز دىگەندىمۇ 13 ئادەم قازا قىلغان، 50 نەچچە كىشى يارىلانغان. «خېفېندۈن پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئەسەبىي تەشكىلات«شام ئىسلام دۆلىتى» بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە بارسېلونا ساقچىلىرى مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق ئىككى ئەرنى قولغا ئالغان.

  رامبۇرا كوچىسى بارسېلونا شەھەر مەركىزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت پىيادىلەر رايونى بولۇپ، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 2.1 كىلومېتىر كېلىدىكەن، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى سودا نۇقتىلىرى ۋە ئاشخانىلار بىلەن تولغان. ھازىر دەل ياۋروپادا يازلىق ساياھەت ئاۋات بولىۋاتقان بىر مەزگىل بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ جايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك ئاھالىلەر ئورۇنلاشقان. ئاپتوموبىل سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، رامبۇرا كوچىسى قامال قىلىنغان، ئەتراپتىكى 200 مېتىر رايون تازىلانغان.

  فرانسىيە BFM تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەق مەيداندىكى بىر نەپەر فىرانسىيىلىك ساياھەتچى ۋەقەنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا كىشىلەر تەرەپ-تەرەپكە قېچىشتى، ۋەقە ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە، ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر