باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقرا مائارىپى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى

پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى

2017.08.21 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئاۋغۇست، «4-نۆۋەتلىك پۇقرا مائارىپىدىكى ئىلغارلاردىن بولۇش، ئەلا نەتىجە قازىنىش پائالىيىتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى» ھەمدە «تۇنجى نۆۋەتلىك يەسلى مائارىپى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقرا مائارىپى پائال ئىزدىنىپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ، يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە، ئۇنۋان مائارىپىدىن تارتىپ ھەر خىل غەيرىي ئۇنۋان شەكلىدىكى تەربىيەلەش مائارىپىغىچە كۆپ قاتلاملىق، كۆپ پەنلەر، كۆپ كەسىپلەر بويىچە پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىغا ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار تەربىيەلەپ چىقىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشقان.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۈرۈك پۇقرا مائارىپى ئاپپاراتىدىن 1800دىن كۆپرەكى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەسلى مائارىپى ئاپپاراتى 800دىن، ئوقۇغۇچىسى 1 مىليوندىن ئاشىدىكەن؛ پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا پۇقراۋى مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، باج تاپشۇرۇشتا دۆلەت بەلگىلىگەن ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر