باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بالىلارنى خۇش قىلغان مېتېئورولوگىيە يازلىق لاگېرى

2017.08.21 17:02   مەنبە: خەلق تورى

بالىلارنى خۇش قىلغان مېتېئورولوگىيە يازلىق لاگېرى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت دىلنۇر ئەخمەتجان خەۋىرى) پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى باغتوغراق كەنتىدىكى بالىلار ئادىلە غوپۇرنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ۋە پايتەخت بېيجىڭدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سورايتتى، ئادىلەمۇ ھاياجانلىنىپ، چوڭ شەھەردىكى تەرەققىياتلار، ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بېرەتتى. يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچ، يېزا بالىلىرى ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىپ، بىكار چاغلىرىدا ئادىلەنىڭ ھېكايسىنى ئاڭلاشقا ئالدىرايتتى. ئۇنىڭ ھېكايىسى بالىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكتۈردى.

  ئادىلە غوپۇر ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇ يىل يازلىق تەتىل ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك ئۆتكەن، ئۇنتۇلغۇسىز تەتىل بولدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ كەنتلىرىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھەر قايسى كەنتلەردىن تاللانغان 24 ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋە پايتەخت بېيجىڭغا بېرىپ، ساياھەت ۋە زىيارەت قىلىپ كەلدى.

  بۇ قېتىمقى مېتېئورولوگىيە يازلىق لاگېرى پائالىيىتىنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى لىغىلدىما كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەتئىلى مۇھەممەتئىمىن 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بالىلارنى يېتەكلەپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. قىزىلسۇ يېزىسى پەيزاۋات ناھىيەسىگە 30 كىلومېتىر كېلىدۇ، بالىلار ئۈرۈمچى تۈگۈل قەشقەر شەھىرىگىمۇ بېرىپ باقمىغان ئىدى. 24 ئۆسمۈر يازلىق لاگېر مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم پويىزدا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ قايناق بازارلىرى، شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كەسپىي ئورۇنلىرىغا بېرىپ زامانىۋى ئىشخانا، زامانىۋى خىزمەت سۇپىلىرىنى زىيارەت قىلدى. 29-چىسلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش سېكىرتارى شەۋكەت دۆلەت قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئايروپىلانلىق بېيجىڭغا باردى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىمۇ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇ خىزمىتىنى ئالاھىدە قوللاپ، بالىلارنىڭ بېيجىڭدىكى پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. بالىلار جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مېتېئورولوگىيە پەنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، گۇگۇڭ مۇزېيى، سەددىچىن سېپىلى ۋە نياۋچاۋ (قۇش ئۇۋىسى)، شۈيلىفاڭ (سۇ كۇپى) قاتارلىق پايتەختتىكى ئاساسلىق ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بېيدەيخېغا بېرىپ، بىپايان دېڭىز-ئوكياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، پايتەختتە لەپىلدىگەن قىزىل بايراقنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىن شياۋنۇڭ ئالاھىتەن بالىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، بالىلارنى بېيجىڭدا كۆپرەك نەرسىلەرنى كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى يۇرتداشلىرىغا يەتكۈزۈشىنى، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇپ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى

  ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا بالىلار كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا تەشكىللىنىپ، تەسىرات ماقالىسى يازدى. لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشقان مۇنىرە ئابلا مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 15 ياشقا كىردىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئائىلەمدىن ئايرىلىپ ساياھەت قىلىشىم، بۇ قېتىمقى ساياھەتتىن مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. تىيەنئەنمىندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بالىدەك ھېس قىلدىم، ئەڭ مۇھىمى پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپلەر مېنىڭ ئوقۇش ئارزۇيۇمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. مەن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتۈپ، كەلگۈسىدە يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن،

  مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىكى ئاكا-ھەدىلىرىمنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلايمەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش سېكىرتارى شەۋكەت دۆلەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتتى. بىز بالىلارنى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش قىزغنىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، كەلگۈسىگە غايە تۇرغۇزۇش مەقسىتىدە، مېتېئورولوگىيە يازلىق تەتىل لاگېرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، مىللەتلەر ئىناق-ئىتتىپاق بولغاندىلا ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇلار «كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى» دەيدىغان ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيۈپ، تەبىئەتكە، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىپ، خۇراپىي ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاپ، دىن ئەسەبىيلىكىدىن يىراق تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.

  شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى لىغىلدىما كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەتئېلى مۇھەممەتئىمىن مۇنداق دېدى: بالىلار چوڭ شەھەرلەردىكى تەرەققىياتلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۆزلىرىنىڭمۇ تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، ۋەتەن، خەلققە تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى، يۇرت-ماكانىنى گۈللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇلار قايتىپ كېلىپلا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي يۇرتداشلىرىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى، ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. «يېزا-كەنتلەردە بالىلارنى لاگېرغا ئاپارغىچە دېھقانلارغا قوي-كالا ئېلىپ بەرسىچۇ» دېگەنلەرمۇ چىققان ئىدى، بالىلار لاگېردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىقنى ھەم ئەتراپىدىكى بالىلارغىمۇ ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قىلغان ئىشىدىن يۇرتداشلار ئىنتايىن سۆيۈندى. ماددىي مەبلەغدىن مەنىۋى مەبلەغنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

  بۇ قېتىمقى لاگېر پائالىيىتى بالىلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئېسىدىن چىقمايدىغان ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى. بالىلار مەنىۋى مەدەنىيلىك، ھازىرقى زامان تۇرمۇش ساۋاتلىرى، قائىدە - يوسۇن ۋە بىخەتەرلىك بىلىمىلىرى ۋە مېتېئورولوگىيە بىلىملىرى قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلەپ، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن باقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…