باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ

2017.08.21 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا بۇ يىل يەنە داۋاملىق توردا تىزىملىتىلىدىكەن، تىزىملىتىش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولىدىكەن، تىزىملىتىش توردا ئالدىن تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەك بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  توردا ئالدىن تىزىملىتىش بۆلىكىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالدى بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى تىزىملىتىش تور ئادرېسى (http://124.117.250.18) غا چىقىپ، «چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش» كۆزنىكىنى بېسىپ تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ، سىستېما ئەسكەرتىلمىسى ۋە تەلىپى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ، ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان نەق مەيداننى تاللىسا بولىدىكەن.

  نەق مەيداندا تىزىملىتىشنىڭ كونكرېتنى ۋاقتىنى ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ئۆزى بېكىتىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە كىملىكىنى ئېلىپ، ئۆزى تاللىغان نەق مەيدان مۇقىملاشتۇرۇش ئورنىغا بېرىپ، ئالاقىدار گۇۋاھنامىلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ، سەمىمىي ئىمتىھان بېرىش ۋەدىنامىسىنى ئىمزالاپ، ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇپ ۋە ئېلېكتىرونلۇق رەسىمگە چۈشۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ھالقىسىنى تاماملايدىكەن ۋە ئىمزا قويۇپ مۇقىملاشتۇرىدىكەن، ئۇندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ، ئىمتىھان كىنىشكىسىنى ئالىدىكەن.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ ياكى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» «新疆招生» ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋېلىپ (xjzs140304)، نەق مەيداندا تىزىملىتىپ مۇقىملاشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى، مەسئۇلى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا نەق مەيدان سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ئورنىنى تاللىسا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى يەنە داۋاملىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 8752001-0991 نى تەسىس قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر