باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو قارىشى دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىمەكتە

2017.08.21 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىپلوماتىيە ساھەسىدە بىر يۈرۈش يېڭى نۇقتى نەزەر، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىپ، دىپلوماتىيە يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. بۇ زور نۇقتى نەزەر، سىياسىي تەدبىرلەردە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دەۋر تېمىسى زىچ چۆرىدەلگەن بولۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان جۇڭگو قارىشى ئورتاق شەكىللەندۈرۈلدى.

  21- ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار بىر قەدىمى تېما بولغان قانداق قىلغاندا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ۋە توقۇنۇشىدىن قۇتۇلۇپ، ئەبەدىي تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇش ئۈستىدە يەنىلا ئويلانماقتا. 2017-يىلىنىڭ بېشىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ، ئۇنىۋېرسال ، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.

  بۇ يېڭى بىخەتەرلىك قارىشى يەر شارىلاشتۇرۇش بىلەن تىنچ تەرەققىيات، ھەمكارلىشىپ تەڭ يېڭىشتەك دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ. ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەنىت مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى بىخەتەرلىك قارىشى باراۋەر ئاساستا ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇش پىرىنسىپى ئاساسىغا ئورنىتىلغان، ماركسىزم پەلسەپەسى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپەسى بىرلەشتۈرۈلگەن.

  قانداق قىلغاندا يەر شارى ئىقتىسادىنى ياخشى جانلاندۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورتاق قىيىن تېما. 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا ئادىل ، ئېچىۋېتىلگەن، ئومۇميۈزلۈك، يېڭىلىق يارىتىدىغان يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  فىرانسىيەنىڭ داڭلىق ئىقتىساد ئوبزورچىسى داۋىد باۋىل مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى كەڭ يەر شارى نەزەر دائىرىسىگە ئىگە ھەقىقىي تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان ئىدىيە. سىياسىي جەھەتتە يەر شارىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىسە، ئىقتىسادىي جەھەتتە مەبلەغ بازىرىنىڭ يۇغۇرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، رايون جەھەتتە ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىپ كىشىلەر قەلبىنى تۇتاشتۇرىدۇ. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەرەققىيات يولى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن فىرانسىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەينەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

  2016-يىلى 9-ئايدا شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 35- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر شارىنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشى، ئورتاق كېڭىشىش ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەشەببۇسنى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، بىردەك ھەرىكەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق شەرھلەپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ يېڭىش ، ئالاقىلىشىش ۋە ئەينەك قىلىش ، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش؛ ئەبەدىي ئىناق ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللىنىش، ئېچىۋېتىلگەن سىغدۇرۇشچان ، پاكىز گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

  71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى پىد تامسىن بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى مېنىڭچە بولغاندا ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىكى بىردىن بىر كېلەچىكىدۇر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر