خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20-ئاۋغۇست جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 21-ئاۋغۇست مەملىكەت مىقياسىدا تۆمۈريولدا پويىز يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى بويىچە يۈرۈش يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، قىسمەن لىنىيەلەردە يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىدىكەن. شۇ چاغدا «فۇشىڭ ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسى بېيجىڭ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا تۇنجى بولۇپ 350 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تىجارەتلىك يول يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتنىغان سودا تىرانسپورت پويىزى سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان دۆلەت بولۇپ قالىدىكەن.
جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : «فۇشىڭ ناملىق» پويىز تىجارەتلىك سائەتلىك يۈرۈش سۈرئىتى 350 كىلومېتىر قىلىپ تەتقىق قىلىپ ياسالغان جۇڭگو ئۆلچىمىدىكى ئوق پويىز گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان بولۇپ، بىخەتەرلىك، ئىقتىسادچىللىق، ئازادىلىك ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
بۇ يىل 7- ئايدا «فۇشىڭ ناملىق » ئوق پويىز گۇرۇپپىسى بېيجىڭ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرلىق ئەمەلىي ئېغىرلىق ۋە سۈرئەت سىنىقى قىلىنىپ، مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى، بىخەتەرلىكىنى باھالاش ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ باھالاش ۋە مەسلىھەت بېرىش ئېلىپ بېرىلدى. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىلمىي دەلىللەش ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق، بېيجىڭ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ لايىھەلىنىشى 350 كىلومېتىر سۈرئەتتە تىجارەتلىك يول يۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى بېيجىڭ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول شىركىتى، بېيجىڭ، جىنەن، شاڭخەي قاتارلىق تۆمۈريول ئىدارىلىرىنى تەشكىللەپ تېخنىكا، ئۈسكۈنە، خادىم ۋە تىجارەت قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەندىن كېيىن، «فۇشىڭ ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسى بېيجىڭ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرلىق تىجارەتلىك يول يۈرۈش ئىقتىدارى ۋە شارائىتىنى ھازىرلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى