19-ئاۋغۇست كەچ، 2017-يىللىق 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپىي مودىللار مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاۋغۇست كەچتە، 2017-يىللىق 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپىي مودىللار مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى، مودىل جاۋ خۈيخۈي ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، دۇ شىپىڭ ئەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
2017-يىللىق 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپىي مودىللار مۇسابىقىسى جۇڭگو كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي مودىللار كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلدى، ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۈنى پائالىيەتكە يەنە مەملىكەت بويىچە ئون مەشھۇر كىيىم لايىھىلىگۈچىنىڭ بىرسى بولغان سۈن شيۇنا، چېن يىڭفېن قاتارلىق داڭلىق كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر، جۇڭگونىڭ داڭلىق باش مودىلى لى ۋېييۈ قاتارلىق داڭلىق مودىللار تەكلىپ قىلىندى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە، ماھىرلارنىڭ كىيىمى ئاساسەن ئەتلەس مودا قىلىنىپ لايىھەلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى