باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك ئىشسىزلار يوق مەھەللىدىن يېڭىدىن بەشى كۆپەيدى

2017.08.21 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 19-ئاۋغۇست شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش مەھەللە تۆتىنچى تۈركۈمدىكى «دۆلەت دەرىجىلىك ئىشسىزلار يوق مەھەللە» بولۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

  تۆتىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئىشسىزلار يوق مەھەللە بولۇپ بېكىتىلگەن بۇ بەش مەھەللە: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق 1-ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسى يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسى مەھەللىسى، بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق مەھەللىسى، غۇلجا شەھىرى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى خۇاڭخې مەھەللىسى، يەكەن ناھىيەسى يېڭى شەھەر رايونلۇق باشقۇرۇش كومىتېتى يېڭى شەھەر مەھەللىسى، كورلا شەھىرى تەڭرىتاغ كوچا باشقارمىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەھەللىسى.

  دۆلەت دەرىجىلىك ئىشسىزلار يوق مەھەللىلەرنى بېكىتىش ئۆلچىمى: تەۋەلىك رايونى ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئەمگەكچىلەر، ئىشسىزلار ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %95تىن تۆۋەن بولماسلىقى، يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىشسىز يۈرگەن كىشىلەر بولماسلىقى؛ تەۋەلىكىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسزلىقنى تىزىملاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرنى %100 تىزىملاپ، ئائىلىسىدە بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنى تىزىملاپ بولغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر ئادەمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ مۇكەممەل بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمەت تۈزۈلمىسى بار بولۇشى، كاپالەت تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىدە ئۈچ يىلغىچە ئاممىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەرز-شىكايىتى بولماسلىقى؛ ئۆلكە (رايون، شەھەر) دەرىجىلىك يۇلتۇز دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشقان مەھەللە بولۇپ بېكىتىلگەن بولۇشى، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچلۈك بولغان تىپىكلىك ۋە نەمۇنىلىك رولىغا ئىگە بولغان بولۇشى قاتارلىقلار.

  ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك ئىشسىزلار يوق مەھەللىدىن 15ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىشسىزلار يوق مەھەللىدىن 153ى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر