سۈرەتتە: ئامېرىكىنىڭ ئورېگون ئىشتاتىدىكى سالىمدا كۈن تولۇق تۇتۇلدى (8-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاز كۆرۈلىدىغان كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كۆرۈلدى، بۇ 1918-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەقەت ئامېرىكىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسمىدا ئوخشاشلا كۆرگىلى بولىدىغان كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى بولۇپ قالدى. كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى — ئاي ئايلىنىپ قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىسىغا كەلگەندە، قۇياش نۇرى پۈتۈنلەي توسۇۋېلىنغان گۈزەل ئاسترونومىيە ھادىسىسىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى