21-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئاقچايولى (جىن يىن لۇ) دا شەھەر ئاھالىسى چاپان كىيىۋالغان ھالدا سىرتتا يول يۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئاۋغۇست، «ئۈچ تومۇز» كۈنلىرى ئاخىرلاشتى، 21-ئاۋغۇست، تومۇز كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى كۈندە ئۈرۈمچى شەھىرى ھاۋارايىنىڭ سوۋۇشىنى كۈتۈۋېلىپ، تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇستىنمۇ تۆۋەنلىدى. بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىغان بولۇپ، «ئەڭ ياخشىسى شەنكۇ كىيىڭلار» دەيدىغان ھاۋارايى كېلىمەن دەپلا كەلدى.
21-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى پەقەتلا 16 سېلسىيە گىرادۇس بولغان بولۇپ، سالقىن كۈز شامىلى چىقىپ، كىشىگە بىر خىل سوغۇق تۇيغۇ بەردى. سىرتقا چىققان نۇرغۇن كىشى ئۈستىگە چاپان كىيىۋالدى، بەزى كىشىلەر كۈنلۈكلىرىنىمۇ ئېلىۋالدى.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كەلگۈسى ئىككى كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا كۆرۈنەرلىك يامغۇر ياغىدۇ، بەزى جايلاردا مۆلدۈر، گۈلدۈرماما، ئۆتكۈنچى يامغۇر قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن دائىرىلىك كەلكۈن، لاتقا شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، شەھەر ئاھالىلىرى سىرتقا چىققاندا كىيىنىشكە دىققەت قىلىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى