باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جەڭ بۆرىسى-2»نىڭ بېلەت كىرىمىدە رېكورت يارىتىلدى

2017.08.22 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جەڭ بۆرىسى-2» 27- ئىيۇلدىن باشلاپ كۆرسىتىلگەندىن بۇيان، بېلەت كىرىمى بارغانسېرى ئېشىپ، داۋاملىق

  ئۆسۈپ، ھازىرغا قەدەر 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ بېلەت كىرىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «جەڭ بۆرىسى-2»نىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى كۆرۈلۈشى 140 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى. بۇ، ۋۇ جىڭنى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىنوچىغا ئايلاندۇردى.

  كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان نەتىجە بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ۋۇ جىڭ يول ئۇيۇنى ئاخىرلاشقاندىكى ھالىتىدىن مەغرۇرلانغاندەك كۆرۈنمەتتى. ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، يەنە « گاراڭ ھالەت»تە ئىدى، سەۋەبى شۇكى، «ئۇيقۇسىزلىق»تىن ئىدى. تەشۋىق قىلىش، زىيارەت، يىغىن ئېچىش، مۇلاھىزىلەر بىلەن كېچىچە ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋۇ جىڭ تۈزلا قىلىپ: «بۈگۈن ئۈتۈپ كەتسە ھەرقانداق زىيارەتنى قوبۇل قىلمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ھاياتىم توك قاچىلاشقا مۇھتاج» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر