قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ لۇدېڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تارتىۋېلىش خاتىرە ئابىدىسى ئالدىدا قەسەم بەرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ لۇدېڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تارتىۋېلىش خاتىرە مۇنارى ئالدىدا بىر مەيدان ئالاھىدە كوللېكتىپ قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بارلىق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئوڭ مۇشتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ قەسەم بېرىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. قوراللىق ساقچى قىسىم سىچۈەن ئۆلكىلىك باش ئەترىتى 2-تارماق ئەترىتىنىڭ بىر ئەسكىرى: «كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇمەن! مەن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەلكەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىكلىكىنى، مۆرەمدىكى ساقچى ئۇنۋانىنىڭ ئېغىر تاپشۇرۇقىنى ئېنىق بىلىمەن»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى