باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شۈ چىلياڭ كامبودژا ھاۋا ئارمىيە قوماندانى بىلەن كۆرۈشتى

2017.08.22 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدا كامبودژا ھاۋا ئارمىيە قوماندانى شىڭ ساڭنەن بىلەن كۆرۈشتى.

  شۈ چىلياڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو كامبودژانىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياخشى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

  شىڭ ساڭنەن مۇنداق دېدى: «كامبودژا جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بېرى بېرىپ كېلىۋاتقان شەخسىيەتسىز ياردىمىگە ۋە زور قوللىشىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، كامبودژا ھاۋا ئارمىيەسى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر