باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندا بىر ئايالنىڭ ياتلىق بولۇپ كىرگەن ئۈيىدە ھاجەتخانا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك سۇنغان ئاجىرىشىش ئەرزى ماقۇللاندى

2017.08.22 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاندا بىر ئايال ياتلىق بولۇپ كىرگەن ئۈيىدە ھاجەتخانا بولمىغاچقا، ئوچۇقچىلىقتا تەرەت قىلىشقا توغرا كەلگەن، بۇنداق تۇرمۇشقا چىداپ بۇلالماي نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ ئايال 2011-يىلى راجاستان ئىشتاتىدىكى بىر كەنتكە ياتلىق بولۇپ كىرگەن، بىراق ياتلىق بولۇپ كىرگەن ئۈيىدە ھاجەتخانا بولمىغاچقا، ئوچۇقچىلىقتا تەرەت قىلىشقا توغرا كەلگەن، ئۇ ھاجەتخانا سېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم پەرۋا قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىۋالغان ھەم 2015-يىلى سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنغان.

  18-ئاغۇست، سوت ئۇنىڭ نىكاھتىن ئاجىراشسا بولىدىغانلىق ھۆكىمىنى چىقاردى. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سودىيە شارما: دەۋاگەرنىڭ ياتلىق بولۇپ كىرگەن ئۈيىگە ھاجەتخانا سېلىپ بەرمەسلىك بۇ ئايالنى خورلاش قىلمىشىغا كىرىدۇ. «بىزنىڭ ئانا، ئاچا-سىڭىللىرىمىز ئوچۇقچىلىقتا تەرەت قىلسا، بۇ ئىش ئىچىمىزنى ئېچىشتۇرمامدۇ؟» دېگەن. شارما كېسىم چىقارغاندا مۇنداق دېدى: « كەنتتىكى ئاياللار چوقۇم بەرداشلىق بېرىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن سىرىتقا چىقىپ تەرەت قىلسا، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن بىر جىسمانىي ئازاپ».

  شارما يەنە مۇنداق دېدى: 21 – ئەسىرگە كىرگەن بولساقمۇ، لىكىن ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆيىدە ھاجەتخانا يوق، بۇ ھىندىستانغا نىسبەتەن نومۇس ئىش. «كۆپچىلىك نۇرغۇن پۇل خەجلەپ تاماكا چىكىدۇ، ھاراق ئىچىدۇ، تېلېفون سېتىۋالىدۇ، بىراق ئۈيىدە ھاجەتخانا يوق، بۇ ھەقىقەتەن بىر ھەجۋىي ئىش».

  يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى % 90 كە يەتكەن ھىندىستاندا، تەخمىنەن % 70 ئائىلىدە ھاجەتخانا يوق، يېرىمغا يېقىن نوپۇس ئوچۇقچىلىقتا تەرەت قىلىدۇ. تاراتقۇلار ئىلگىرىمۇ ئۆيىدە ھاجەتخانا يوق بولۇشتىن كېلىپ چىققان ئائىلە ئىناقسىزلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇلتۇر ئوتتار پىرادېش ئىشتاتىدىكى بىر ئايال ئۆيىگە ھاجەتخانا سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، توي قىلىشنى رەت قىلغان. يەنە بۇ يىل 6-ئايدا بىر ئايال ھاجەتخانا يوق بولۇش سەۋەبلىك ئېرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن.

  ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ھەممە ئۆيدە ھاجەتخانا بولۇش، ئوچۇقچىلىقتا تەرەت قىلىشنى يوقىتىشقا ۋەدە بەردى. ھىندىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: 2014-يىلىدىن ھازىرغىچە سالغان ھاجەتخانا 20 مىليون يۈرۈشتىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر