باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ھىندىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ خادىمىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

2017.08.22 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 21-ئاۋغۇست جەزملەشتۈرۈپ، 15-ئاۋغۇست ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، جۇڭگو تەرەپ خادىمىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دېدى.

  قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە دېيىشىچە، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بەنگوڭ كۆلى رايونى ئەتراپىدا جۇڭگو-ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھەم مەلۇم سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىتتىرىشكەن، ئۆزئارا تاش ئېتىشقان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، 8- ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسىمى جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى بەنگوڭ كۆلى رايونىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقىنىڭ جۇڭگو تەرىپىدە نورمال چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. ئارىلىقتا، ھىندىستان تەرەپ كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، جۇڭگو تەرەپ خادىملىرىنى سوقتى ھەمدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن مۇشتلىشىش يۈز بېرىپ، جۇڭگو تەرەپ خادىمىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى تەرەپ چىگرا رايونلىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداش ھەققىدە ھاسىل قىلغان ئورتاق تۇنۇشىغا خىلاپ بولۇپ، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىنىڭ ۋەزىيىتىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ھەمدە چېگراغا ئالاقىدار يوللار ئارقىلىق ھىندىستان تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى.

  خۇا چۇنيىڭ: جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان تەرەپنى جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئالاقىدار كېلىشىملەردىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، 1959-يىلىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقىغا ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداشقا دەۋەت قىلىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر