باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ياشلار كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.08.22 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئاۋغۇست، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 2017-يىللىق جۇڭگو ماھارەت مۇسابىقىسى «13-نۆۋەتلىك ‹گۈللىنىش لوڭقىسى› مەملىكەتلىك ياشلار كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە «سۈپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىلدۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سېفىرلىق تىزگىنلىنىدىغان ئىستانوك ئىشچىسى، قېلىپ ئىشچىسى، كارتون ئىشلەش خادىمى، ماشىنا تەڭشەش ئىشچىسى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك مۇسابىقىلىشىش تۈرلىرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قاتلاممۇ-قاتلام تاللاشتىن كېيىن، 28 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردىكى پۇل مۇئامىلە، كۆمۈرچىلىك، پولات-تۆمۈر قاتارلىق ئۈچ كەسىپ (سىستېما )، 15 مەركەز كارخانىسى ۋە چوڭ كارخانىلاردىن كەلگەن 331 ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. 78 رېپىر مۇسابىقىنى نوپۇزلۇق ۋە ئادىل بولغان ھۆكۈم ۋە باشقۇرۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. كەلگۈسىدىكى تۆت كۈندە، ماھىرلار كەسكىن رىقابەتلىشىپ، ياشلار كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپنى تالىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «گۈللىنىش لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسى 13 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە پۇل مۇئامىلە، تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق كەسىپ سىستېمىلارنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ياشلار ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى 3000 مەيداندىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، ياش ئىشچىلار ئارىسىدا «ماھارەت ئۆگىنىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش»تەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر