باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات بىلەن قەدەمداش بولۇش، تەرەققىيات بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىش

قانۇن چىقىرىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى قوغدىدى (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل . دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش)

2017.08.22 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن چىقىرىشنى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە چوڭ-چوڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قانۇن چىقىرىش جەريانىدا ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق بويسۇنىدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە مىزانغا ئايلاندۇردى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى 2017-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېڭىدىن 20 قانۇن تۈزدى، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارىدىن 37نى ماقۇللاپ، 101 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. ئاساسىي قانۇن يادرولۇقىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش تۈزۈلمە-مېخانىزمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى.

  ھەر قايسى ساھەلەر قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتتى.

  «2782 ئاۋازنىڭ قوشۇلىشى، 30 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 21 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى» بىلەن 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ئومۇمىي قائىدىنىڭ تۈزۈپ چىقىلغانلىقى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى تۈزۈشتە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  ئىلگىرى بىر تۇتاش ھەق تەلەپ قانۇن كودېكىسى بولمىغاچقا، سودىيەلەر قانۇن تەتبىقلاشتا دائىم مۇۋاپىق قانۇن تاپالماي قىينىلاتتى، ئوخشاشمىغان قانۇنلار ئارا يەنە بىر-بىرىگە زىت بولۇپ قېلىپ، ئوخشاش دېلوغا ئوخشاشمايدىغان ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئىشلار پات-پات يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن شەخسىيەت ئىزدەش، قۇربانلارنى ھاقارەت قىلىش، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغان كىشى قارانچۇقسىز قالدى دېگەنگە ئوخشاش يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، بۇنىڭغا تېزدىن ھەق تەلەپ قانۇنى چىقىرىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات، ئىسلاھات قارارىنى قانۇن چىقىرىش قارارى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر