باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5- قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

2017.08.22 15:00   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5- قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5- قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  يىغىن مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ 4- قېتىملىق كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ 5- قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلام قارارىغا قاراپ چىقتى ۋە ئۇنى ماقۇللاندى. سايلامدا مېڭ چىڭسەي مۇدىر ھەيئەت بولغان ھالدا، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ 5- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزا ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى، ھەمدە دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 16- قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش كاتىپى، دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېي يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كېلىپ، يىغىننى تەبرىكلىدى ۋە سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…