باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

7-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 4342ى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

ئۆلكەباشلىقى-مىنىستىر دەرىجىلىك ئىككى كادىر جازالاندى

2017.08.22 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 21-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلى 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 4342ى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 6148 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، ئۆلكە باشلىقى-مىنىستىر دەرىجىلىك 2 كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4320 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

  مەملىكەت بويىچە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 139 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 102 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى.

  ئېلان قىلغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، 2017-يىلى 7-ئايدا 4342 مەسىلە تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1012 سى بەلگىلىمىگە خىلاپ ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، 864 ى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش، 814ى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش، 532 سى ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، 458 ى توي-تۈكۈن، نەزىر-چىراقنى چوڭ ئۆتكۈزۈش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش ياكى پۇل-مال قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا كىرىش، 282 سى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تۇرالغۇ مەسىلسى، 235 ى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، 145 ى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش ئىكەن. 7-ئايدا سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچرىغان كادىرلاردىن 2سى ئۆلكەباشلىقى-مىنىستىر دەرىجىلىك، 51 ى ۋالى-نازىر دەرىجىلىك، 393 ى ھاكىم-باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك ئىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر