باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2017.08.22 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مەبلەغ يۈرۈش كېپىللىك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمەسلىك، تىجارەت ھەرىكىتى قېلىپلاشماسلىق، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولماسلىق ۋە ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى. «نىزام» تۈزۈش سىياسەتنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا پايدىلىق.

  «نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت قوللايدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپى بىلەن تەمىنلەيدىغان كۆلەمنى كېڭەيتىپ ۋە بىر قەدەر تۆۋەن ھەق نىسبىتىنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تارماقلىرى ئاساسلىقى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركەتلىرىنى مالىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت قوللايدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركەتلىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى خەۋپ-خەتىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتىگە كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر