باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات بىلىم مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە «جۇڭگونىڭ 2030-يىلغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.08.22 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات بىلىم مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە «جۇڭگونىڭ 2030-يىلغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئېلان قىلىش يىغىنى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش — ھازىرقى خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىدىكى ئورتاق ۋەزىپە، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قارالمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «جۇڭگونىڭ 2030-يىلغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىىيلەشتۈرۈش كېلىشىم لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەڭپۇڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن جەھەتتە دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر